« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

14

ئىبرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى

1شۇ كۈنلەردە، بابىل بېگى ئامرافەل، ئېللاسار بېگى ئاريوك، ئېلام بېگى كېدورلاۋمار، گويىم بېگى تىدال قاتارلىق تۆت بەگ بىرلىشىپ، 2سودوم بېگى بەرا، گومورا بېگى بىرشا، ئادماھ بېگى شىناب، سىبوئىم بېگى شەمەبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بېگى قاتارلىق بەش بەگ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. 3بۇ بەش بەگ قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ۋادىسىدۇر.) 4ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلاۋمار بېگىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.

5شۇڭا، ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلاۋمار بەگ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش بەگلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-قارنائىم دېگەن يەردە رافاھلارنى يەڭدى. كېيىن، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى ۋە شاۋا-كىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېملارنىڭ ھەممىسىنى تارمار قىلدى. 6سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان ھورىتلارنىمۇ چۆل بويىدىكى ئەل-پارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى. 7ئارقىدىنلا، ئۇلار ئېن-مىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ھازازۇن-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.

8بۇنىڭ بىلەن، سودوم، گومورا، ئادماھ، سىبوئىم ۋە بەلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش بەگلىكنىڭ بەگلىرى بىرلەشمە قوشۇنىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىغا جەڭ قىلىشقا چىقتى. 9ئۇلار ئېلام شەھىرىنىڭ بېگى كېدورلاۋمار، گويىمنىڭ بېگى تىدال، بابىلنىڭ بېگى ئامرافەل ۋە ئېللاسارنىڭ بېگى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت بەگ بىلەن جەڭ قىلدى. 10سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم بېگى بىلەن گومورا بېگى قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى كۆلچەكلەرگە چۈشۈپ كېتىپ، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.

11تۆت بەگ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەتتى. 12ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى.

13لېكىن، قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي* بولغان ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا، ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى _ ئەشكول ۋە ئانېر ئىبرامنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى.

14ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئون سەككىز نەپەر جەڭچىنى چاقىرىپ، تۆت بەگنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. 15-16ئۇ يەردە جەڭچىلەرنى بىرقانچە قىسىمغا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوبا دېگەن جايغىچە قوغلاپ، بۇلاپ كەتكەن ھەممە مال-مۈلۈكنى تارتىۋېلىپ، ئۆز جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، خوتۇن-قىزلىرىنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

مالكىسىدىقنىڭ ئىبرامغا بەخت تىلىشى

17ئىبرام كېدورلاۋمار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ھەرقايسى بەگلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم بېگى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋا ۋادىسى (خان ۋادىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا چىقتى.

18ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ بېگى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، 19ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ:

«پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!

20سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇدا مەدھىيىلەنگەي!» دېدى.

ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. 21سودوم بېگى ئىبرامغا:

_ غەنىيمەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەر! _ دېدى.

22ئىبرام ئۇنىڭغا:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلۇغ خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، 23مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنى ياكى كەشىڭنىڭ بوغقۇچىنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن.

24شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىنىلا ھېسابلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى ئالمايمەن. لېكىن، مېنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىم ئانېر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرسەڭ بولدى، _ دېدى.



*13ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى