« يوشۇۋا »

18

قالغان زېمىنلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى

1ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى. 2ئىسرائىللارنىڭ يەنە يەتتە قەبىلىسىگە تېخى زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.

3يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار _ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان خۇدا سىلەرگە بەرگەن زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟ 4سىلەر ھازىرلا ھەربىر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەم تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ زېمىنلارنى چارلاشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ پاسىللىرىنى بېكىتىپ، خەرىتىسىنى سىزىپ، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلسۇن. 5بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن. 6سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز _ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.

7لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن.

8چارلىغۇچىلار مېڭىش ئالدىدا، يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە تاپىلاپ:

_ سىلەر پۈتۈن زېمىنلارنى چارلاپ، خەرىتىسىنى سىزىپ كېلىڭلار. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن شىلودا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن.

9چارلىغۇچىلار پۈتۈن زېمىننى چارلاپ، ئۇنى يەتتە پارچىغا بۆلۈپ، ھەربىر پارچىدىكى شەھەرلەرنى تىزىملاپ چىقتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، شىلودىكى قارارگاھتا يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشتى. 10يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەر قايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى.

بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلار

11بىرىنچى چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا بىلەن يۈسۈپ قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا ئىدى.

12بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ. 13بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. 14بۇ يەردىن يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بەيت-خورون شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان قىريات-بائال، يەنى قىرئات-يىئارىم شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلىدۇر.

15جەنۇبىي پاسىلى بولسا قىرئات-يىئارىم شەھىرىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، نەفتوۋاخ بۇلاقلىرىغا تۇتىشىدۇ. 16كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ* جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ. 17بۇ پاسىل يەنە ئۇ يەردىن شىمالغا قايرىلىپ ئېنشەمەشكە بېرىپ، ئادۇممىم داۋىنىنىڭ قارشىسىدىكى گىلىلوتقا تۇتىشىدۇ. كېيىن رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بېرىپ، 18ئۇ يەردىن يەنە ئارابا رايونىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىنى بويلاپ ئۆتۈپ، ئارابا رايونىغا تۇتىشىدۇ. 19ئۇ يەردىن بەيت-خوگلانىڭ شىمالىي تەرىپىگە تۇتىشىپ، تۇز دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر. 20ئىئوردان دەرياسى بولسا ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئىدى.

مانا بۇ تۆت تەرىپى چېگرالانغان زېمىنلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.

21بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز، 22بەيت-ئارابا، زىمارايىم، بەيتەل، 23ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، 24كىفار-ئاممونا، ئوفنى، گەبا قاتارلىق 12 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. 25يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت، 26مىزپاھ، كىفىرا، موزاھ، 27رەقەم، يىرپىئېل، تارئالا، 28زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر.



*16يىبۇسلار شەھىرى _ كېيىنكى يېرۇسالېم شەھىرىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى