« يوشۇۋا »

3

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشى

1ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى. 2ئۈچ كۈندىن كېيىن سەردارلار قارارگاھلارنى ئارىلاپ، 3خەلققە:

_ سىلەر، لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار. 4سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى چاقىرىم ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ ئۇقتۇردى. 5كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.

6ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار.

شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

7پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مەن مۇساغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. 8سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.

9كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. 10سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 11قاراڭلار، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. 12سىلەر ھازىر ئىسرائىللار ئىچىدىن، ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار. 13پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، بىر يەرگە يىغىلىدۇ.

14شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى. 15ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەريا سۈيىنى كېچىشى ھامان، 16يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان سۇ شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىزى،* يەنى تۇز دېڭىزىغا ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى. 17ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئوقۇرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.



*16ئۆلۈك دېڭىزى _ ئارابا دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى