« يوشۇۋا »

9

گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللارنى ئالدىشى

1ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى. 2بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. 3گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، 4-5ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلاپ چىقتى. ئۇلار يوشۇۋاغا ئەلچى ئەۋەتىشتى. ئۇلار يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن خۇرجۇن، ياماق سېلىنغان كونا شاراب تۇلۇملىرى ئارتىلغان ئېشەكلەرنى يېتىلىۋالغانىدى. پۇتلىرىغا كونىراپ، ئەبجىقى چىققان ئاياغلارنى، ئۇچىسىغا كونا كىيىملەرنى كىيىشىپ، كۆكىرىپ، قېتىپ كەتكەن يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىشقانىدى. 6ئۇلار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ، يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارغا:

_ بىز يىراق بىر جايدىن سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، _ دېدى.

7ئىسرائىللار گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز.

8_ بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، _ دېدى ئۇلار جاۋابەن.

ئەمما يوشۇۋا:

_ سىلەر كىم؟ زادى قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ يەنە قايتىلاپ سورىدى.

9_ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. 10بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى _ خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن ئاشتاروت شەھىرىنىڭ باشان دېگەن يېرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. 11شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى. 12بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى. 13بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

14ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.

16گىبئونلۇقلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن يەردە ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. 17ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى. 18ئەمما ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، چۈنكى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم بېرىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ قەسەم بېرىشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشتى. 19بىراق ئاقساقاللار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ:

_ بىز پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچكەن، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلساق بولمايدۇ! 20مەيلى، ئۇلار ياشاۋەرسۇن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەسىمىمىزنى بۇزساق، پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپلىنىدۇ. 21شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى.

22يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى يىغىپ ئۇلارغا:

_ سىلەر بىزگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئالداپ: «بىز سىلەردىن يىراق يەردە ياشايمىز» دېدىڭلار؟ 23سىلەر لەنەتكە قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئوتۇن ۋە سۈيىنى توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.

24ئۇلار جاۋاب بېرىپ:

_ چۈنكى بىز قۇللىرىڭىز، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر. 25ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.

26يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى. 27شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ھەم پەرۋەردىگار تاللىغان قۇربانلىق سۇپىسى قەيەردە قۇرۇلسا، شۇ يەرنىڭ ئوتۇن ۋە سۇلىرىنى توشۇغۇچىسى بولۇشقا بۇيرۇدى. ئۇلار ھازىرغىچە شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى