« زىفانىيا »

1

1بۇ، زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇش گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. شۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن.

3ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن.

رەزىللەرنى يىقىتىمەن. يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن.

بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم.

4مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن.

ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىمەن،

بۇتپەرەس روھانىيلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.

5ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى،

ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق

يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن.

6مەندىن ۋاز كەچكەن، مېنى ئىزدىمىگەن،

مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.»

7ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى.

ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى.

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ماڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە

يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن.

9ئۇ كۈنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئادەتلىرىدەك بوسۇغا ئاتلىغانلارنى* ۋە

خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە

زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالايمەن.»

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ كۈنى سىلەر بېلىق دەرۋازىسىدىن يىغا ئاۋازىنى،

شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى

ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر.

11ئەي بازاردىكى خالايىق، پەرياد قىلىڭلار،

چۈنكى پۈتۈن سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ،

سېتىقچىلار يوقىتىلىدۇ.

12ئۇ چاغدا، مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن.

گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى،

يەنى ‹خۇدا ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.

13ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ،

ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ.

ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ.

ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.»

14پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى،

ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ!

ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر!

ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!

15ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر،

خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر،

قاراڭغۇ زۇلمەت ۋە قارا بۇلۇتلار قاپلايدىغان كۈندۇر.

16ئۇ، بۇرغىلار چېلىنىپ، چۇقان-سۈرەنلەر سېلىنىپ،

مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا ھۇجۇم قىلىنىدىغان كۈندۇر.

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ،

ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن.

چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى.

ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلۈپ،

جەسەتلىرى چىرىتىلىپ تاشلىنىدۇ.»

18پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى

ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.

ئۇنىڭ رەشك ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ،

يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.



*9بىرىنچى سامۇئىل 5- باب، 1‏-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى