« زىفانىيا »

2

خەلقنى توۋا قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىش

1ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

2ۋاقتىڭلار ساماندەك توزۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە،

پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا،

ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە

ئۇيقۇڭنى ئاچ!

3ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار،

پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار!

ئادالەتنى قوغلىشىپ،

كەمتەر بولۇڭلار.

پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىدە

بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر.

ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي

4گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ،

ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ.

ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ.

5ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي!

ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر،

پەرۋەردىگار سىلەر قارشى مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن،

بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.»

6دېڭىز بويىدىكى جايىڭلار باياۋانغا ئايلىنىپ،

پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ.

7يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئىگىلەيدۇ.

ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ،

ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە كېچىسى ياتىدۇ.

پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،

ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

8-9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى

ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم.

ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ،

زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

مەن _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

موئاب جەزمەن سودومدەك،

ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە چېقىر تىكەن بېسىپ،

مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.

ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،

زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»

10موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.

11پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ.

ئۇ، دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ.

ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ.

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي كۇشلار* سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.»

13پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ،

نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.

14ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ.

خارابىلىكلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ،

دېرىزىلىرىدە ھۇۋلىشىدۇ.

قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ.

ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

15بۇ شەھەرنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.

بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈك شەھەردۇرمەن، مېنىڭ تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ، ماختىنىپ،

ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىشىدۇ،

بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ.

ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ.



*12ھازىرقى ئېفىيوپىيە ۋە سۇداندا ياشىغان خەلقتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى