« زەبۇر »

24

داۋۇت يازغان مۇناجات

1پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات،

يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات.

2چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى،

چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى.

3پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟

مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟

4ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان،

ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن،

يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان.

5ئۇنداق ئادەملەر خۇدادىن بەخت تاپار،

نىجاتكارى خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنار.

6مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا،

ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا،

تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا. سېلاھ

7ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار،

ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار!

شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

8بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟

ئۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر،

ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى قادىر پەرۋەردىگاردۇر.

9ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار،

ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار!

شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن.

10بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟

ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر،*

ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. سېلاھ



*10قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» ياكى «پەرىشتىلەرنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى