« زەبۇر »

57

داۋۇت يازغان مىقتام بولۇپ، «ھالاك قىلمىغىن» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان. داۋۇت بۇ مۇناجاتنى سائۇل پادىشاھتىن قېچىپ، بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان چېغىدا يازغان.

1شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا،

شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا.

چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە،

قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا،

تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.

2نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا،

مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.

3ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى،

شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ

كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.

4مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ،

ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ.

تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا،

نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ.

5ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

6تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم،

ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم.

ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا،

ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. سېلاھ

7ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا،

شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا.

8ئويغان ئەي روھىم!

سايرا لىرا، چىلتارىم!

ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن،

ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن.

9ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، ئى ئىگەم خۇدا،

سېنى كۈيلەيمەن بارچە ئەل، خەلقىئالەم ئارا.

10چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان،

ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر بۇلۇتلارغا تاقاشقان.

11ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە،

شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى