« زەبۇر »

68

داۋۇت يازغان مۇناجات بولۇپ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار،

دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى.

ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى.

2شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى،

خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى.

ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا،

خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.

3ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار،

خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار.

4خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار،

نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار.

ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار،*

«مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى.

ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.

5ئاتا بولغان يېتىملارغا،

ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا،

ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر.

6ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى،

ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى،

لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى.

7-8ئى سىناي تېغىدا سۆزلىگەن خۇدا،

ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا،

زېمىن تىترەپ، يامغۇر تۆكتى ئاسمان باغرىدىن،

ئۆز قوۋمىڭنى چۆللەر ئارا باشلاپ ماڭغىنىڭدا.

9ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە،

خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ.

ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ.

10شەپقىتىڭگە نائىل بولغان بەندىلىرىڭ ماكان تۇتتى،

ئېزىلگەن قوۋمىڭ سېنىڭ بەرىكىتىڭگە ئېرىشتى.

11پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى،

قىز-ئاياللار توپ بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تارقاتتى:

12«پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.»

ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى.

13بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار،

باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار،

ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق،

ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار.

14قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا،

قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون* تېغىدا.

15ئەي ھەيۋەتلىك باشان تېغى،

چوققىلىرىڭ شۇنچە كۆپ تېخى،

16ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى،

نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن،

خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _

خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟

17خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز،

سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز.

18رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا،

ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى.

سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن،

ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن،

ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن.

19مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە،

ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە،

پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. سېلاھ

20پەقەت بىزنىڭ رەببىمىز نىجاتكار خۇدا،

ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش قادىر ئىگەمنىڭ قولىدا.

21بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى،

چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى. *

22پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن،

ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن.

23شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _

دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا،

ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.»

24ئى خۇدا، سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ كۆرۈنمەكتە،

ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان پەرۋەردىگارىم _

مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ كۆرۈنمەكتە.

25ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار،

كەينىڭدە سازچىلار.

ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار.

26جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا،

ئەي ئىسرائىللار،* مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.

27ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى

ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا.

باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى،

شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى.

28ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى،

ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى.

29كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا،

پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا.

30تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا،

بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە.

يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى،

تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى.

31مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر،

ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار.

32ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار،

ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار،

رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. سېلاھ

33قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان،

قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان،

ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار.

34جاكارلاڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى،

ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى،

نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى.

35شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا.

ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار،

ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار.

مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا!



*4ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار _ بەزى تەرجىمىلەردە «بۇلۇتلارغا مىنگۈچىگە يول ھازىرلاڭلار» دەپ ئېلىنغان.

*14زالمون _ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قاپقارا» بولۇپ، زالمون تېغىغا قار ياغقاندا ئاپئاق قار تاغنىڭ مەنزىرىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا ئىمانسىز پادىشاھلارنى زېمىندىن قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، زېمىن پۈتۈنلەي باشقا قىياپەتكە كېلىدۇ.

*21ئۇزۇن چاچلىق باش _ قەدىمكى زاماندا ئۇرۇش ياكى ئالاھىدە بىر مەزگىلدە كىشىلەر ئۇزۇن چاچ قويغان بولۇپ، بۇ يەردە شۇ ئادەتنى كۆرسەتمەكچى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

*26ئەي ئىسرائىللار _ بەزى تەرجىمىلەردە «ئەي ئىسرائىلنىڭ بۇلىقىدىن چىققانلار» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى