« زەبۇر »

73

ئاساف يازغان مۇناجات

1بەرھەق!

مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا،

مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا.

2-3رەزىل ۋە ھاكاۋۇرلارنىڭ

روناق تاپقىنىنى كۆرگىنىمدە،

ھەسەت قىلدىم ئۇلارغا.

كالۋالىشىپ پۇتلىرىم،

پۇتلىشىپ يىقىلاي دېدىم شۇڭا.

4تاكى ئۆلگۈچە

ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار،

تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار.

5ئۇلار باشقىلاردەك دەرد تارتماس،

ھەم بالايىئاپەتكە قالماس.

6كىبىرلىك بوينىدىكى مارجىنىدۇر،

زوراۋانلىق ئورۇنۇۋالغان تونلىرىدۇر.

7كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان،

قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان.

8مەسخىرە قىلار،

زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار.

مەغرۇرلىنىپ،

«زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار.

9ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى،

قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى.

10شۇڭا خەلق ئۇلارغا بەك يۈزلىنەر،

سۇدەك ئىچىپ سۆزلىرىنى يامانلىققا كىرىشەر.

11دەر رەزىللەر:

«ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟

بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟»

12يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار،

ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار.

13قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟

گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟

14نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن،

نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن.

15ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم،

خەلقىڭگە* ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم.

16مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا

بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا.

17خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرشىمگە

چۈشەندىم،

نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە.

18ئى خۇدا، دەرۋەقە،

تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن ئۇلارنى،

تېيىلىپ پارە-پارە بولار ئۇلار ئاخىرى.

19ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار،

ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.

20ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار،

ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار.

ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا،

ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.

21ئىچىم ئېچىشار،

يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرار.

22چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن،

ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.

23ئەمما مەن ھەمىشە سېغىنىمەن سېنى،

ئى خۇدا ئوڭ قولۇمدىن تۇتتۇڭ مېنى.

24بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر،

ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر.

25سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە،

سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە.

26تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە،

قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ،

مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ.

27شۈبھىسىزكى،

ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار،

يوق قىلىسەن ئۇلارنى،

يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار.

28شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا،

پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە،

بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.



*15خەلقىڭگە _ بەزى تەرجىمىلەردە «پەرزەنتلىرىڭگە» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى