« زەبۇر »

84

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇناجات بولۇپ، «گىتتىف»تا* ئورۇنلانسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1نەقەدەر ئەزىزدۇر ئۇچرىشىش جايىڭ،

ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار.

2سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا،

ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا.

بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار،

ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا.*

3ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا،

ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا،

قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.

4نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار،

توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. سېلاھ

5نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار،

قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار.

6يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار،

ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار،

ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر.

7ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار،

سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار.

8ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا،

قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا.

تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى،

ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. سېلاھ

9ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا،

نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا.

10بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا* ئۆتكەن بىر كۈن،

ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن.

ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى،

رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن.

11بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز،

ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت.

دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن،

ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.

12ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار،

بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار.



*گىتتىف _ گات شەھىرىدە ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ساز ياكى ئاھاڭنىڭ ئىسمىدۇر. يەنە بىر چۈشەندۈرلۈشىدە، «بۇ بايرام ياكى مۇراسىمدا ئېيتىلىدىغان ناخشا» دېيىلگەن.

*2ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا _ بەزى تەرجىمىلەردە «ھايات خۇدا» دەپ ئېلىنغان.

*10ئىبادەتخاناڭدا _ بەزى تەرجىمىلەردە «ئىبادەتخاناڭنىڭ ھويلىلىرىدا» دەپ ئېلىنغان.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى