« تىتۇسقا يېزىلغان خەت »

3

ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. 2ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن.

3چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق. 4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. 7بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. 8بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.

9ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر. 10-11شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

12ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن. 13قانۇنشۇناس زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە ئىمكانقەدەر ياردەمدە بولغىن. ئۇلارنىڭ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ھەل قىلىپ بەرگىن. 14ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ. 15يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. كرىت ئارىلىدىكى بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيت. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى