« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

1

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئەقىل-پاراسەت تەلەپ قىلىشى

1داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. سۇلايمان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ قۇدرەت تاپتى.

2سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ، 3ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى. 4داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى تەييارلىغان يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدۈرۈپ، شۇ يەردە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن يەنە بىر چېدىر ياساتقانىدى. 5ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 6سۇلايمان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياق مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.

7شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى:

_ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.

8سۇلايمان جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلدىڭ. 9ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. سەن مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. 10ئەمدى ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ شۇنچە كۆپ خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟

11خۇدا سۇلايمانغا:

_ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن، 12مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى.

13شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان گىبئونغا جايلاشقان سەجدىگاھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

14سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى توپلىدى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. 15سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇننى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. 16سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. 17مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى