« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

5

ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر:

خۇدا ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. 2ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلدى ھەمدە ئۇلارنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.

3ئادەمئاتا 130 يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى. 4ئادەمئاتا سېتنى تاپقاندىن كېيىن، يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە كۆپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 5ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

6سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېنوش قويدى. 7كېيىن، ئۇ يەنە 807 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 8ئۇ 912 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

9ئېنوش 90 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قېنان قويدى. 10كېيىن، ئۇ يەنە 815 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 11ئۇ 905 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

12قېنان 70 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ماھالالئېل قويدى. 13كېيىن، ئۇ يەنە 840 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 14ئۇ 910 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

15ماھالالئېل 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەرەد قويدى. 16كېيىن، ئۇ يەنە 830 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 17ئۇ 895 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

18يەرەد 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. 19كېيىن، ئۇ يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 20ئۇ 962 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

21ھانۇخ 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى مىتۇشەلاخ قويدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن، ھانۇخ 300 يىل جەريانىدا خۇدا بىلەن يېقىن ياشىدى. ئۇ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 23ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشاپ، 24پۈتۈن ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى، خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

25مىتۇشەلاخ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لەمەك قويدى. 26كېيىن، ئۇ يەنە 782 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 27ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

28-29لەمەك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەڭگىللىتىش»] دەپ قويدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يەرگە لەنەت ئوقۇشى بىلەن، بىز جاپالىق ئىشلارغا قالغان. ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللىتىدۇ» دېدى.

30نۇھنى تاپقاندىن كېيىن، لەمەك يەنە 595 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 31ئۇ 777 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

32نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى