يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا بېرىش يولىدا ئېيتىلغان، داۋۇت يازغان مۇناجات
1ئى پەرۋەردىگار،
تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە،
ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە.
ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا،
كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا.
2سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا،
كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم،
بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم.
3ئەي ئىسرائىللار، ئەبەدىي ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا.