داۋۇت يازغان مۇناجات
1چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا،
كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا.*
2مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا،
ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا،
سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا.
3بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا،
جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا.
4ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار،
ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار.
5ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى،
كۈيلەر ئۇلار ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى.
6بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار،
كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار،
تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.
7يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن،
ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن.
توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى،
قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.
8ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى،
مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار،
تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى.
*1پەرىشتىلەر ئالدىدا _ بەزى تەرجىمىلەردە «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا»، ياكى «يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ ئالدىدا» دەپ ئېلىنغان.