« زەبۇر »

45

كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى يازغان مۇھەببەت ھەققىدىكى تەربىيەۋى مۇناجات بولۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.

1گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى،

ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى،

تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى.

2ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا،

لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر،

مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا.

3ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى،

ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى.

4زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە،

قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى،

غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە.

5ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ،

دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ.

6ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر،

سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر.

7ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى،

شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى.

ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى.

8ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ،

شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ.

پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى،

يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى.

9شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا،

ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا.

10تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە،

ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.

11پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا،

خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا.

12تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر،

ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار.

13نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا،

كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا.

14پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە،

ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە.

15باشلاپ كېلىنىدۇ ھەممىسى خۇشال ھالدا،

كىرىشىدۇ ئۇلار پادىشاھ سارىيىغا.

16ئىزىنى باسار ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ،

شاھزادىلىرى قىلىسەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھاننىڭ.

17ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى،

ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى