ئەيسا مەسىھ: «ھاياتلىق بەرگۈچى»

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

15شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. 17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. 18ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

36خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

14ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

24بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

35ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.

37خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 38چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. 40چۈنكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى، يەنى مېنى تونۇغان ۋە ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن.

41ھەزرىتى ئەيسا: «ئەرشتىن چۈشكەن ‹نان› ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غودۇڭشىشقا باشلىدى. 42«بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ‹ئەرشتىن چۈشتۈم!› دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.

43_ ماڭا غودۇڭشىماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ 44مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 45پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. 46بۇ، ئاتامنى بىر كىشى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس. ئاتامنى پەقەت ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگۈچى مەنلا كۆرگەن.

47بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاللىقاچان ئېرىشكەن بولىدۇ. 48ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» ئۆزۈمدۇرمەن. 49گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى. 50لېكىن، ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ. 51ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. 19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.

21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. 22ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

24مارتا:

_ قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.

25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. 26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

27_ ئىشىنىمەن رەببىم، _ دېدى مارتا، _ سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

3مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا _ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

11بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى. 12شۇڭا، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى