« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

8

مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش

1يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ. 2چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى. 3گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. 4بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 5گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنىدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئويلايدۇ. مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا مۇقەددەس روھقا خاس ئىشلارنى ئويلايدۇ. 6بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 7بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. 8گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.

9بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر. 10تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ئەمما قەلبىڭلاردا ئەيسا مەسىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، روھىڭلار ھايات بولدى. 11خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.

12شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز. 13چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر. 14خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 15ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.

كەلگۈسىدە شان-شەرەپكە ئېرىشىش

18مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. 19يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. 20-21چۈنكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۆزى ھەققىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. بۇ، مەۋجۇداتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ياراتقان خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇداتتا چىرىپ تۈگەشتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان شەرەپلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى بار ئىدى. 22تا ھازىرغىچە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاھ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. 23پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز. 24قۇتقۇزۇلغاندىن بېرى بىزدە مۇشۇنداق ئۈمىد بولۇپ كەلمەكتە. ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئايلانغاندا، ئۇ ئۈمىد بولۇشتىن قالىدۇ. كىممۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغاننى قايتا ئۈمىد قىلسۇن؟ 25بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.

26ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. 27ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ. 28خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. 29چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى. 30خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.

خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

31ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ 32ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟ 33كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان. 34كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا. 35ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز

سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»

37لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى