ھاۋائانا

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 1- باب

26ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى _ دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.

27بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،

ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،

شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 2- باب

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەمئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. 20ئادەمئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى.

21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 3- باب

1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:

_ خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

2ئايال:

_ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسەك بولمايدۇ. خۇدا بىزنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشىمىزنىمۇ مەنئى قىلدى. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساق، ئۆلىمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ يالغان! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.

6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 4- باب

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى