سوئال

مۇقەددەس كىتاب ئىرقىي كەمسىتىشكە يول قويمايدۇ

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

29ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ:

_ مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ _ دەپ سورىدى.

30ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن ئېرىخا شەھىرىگە كېلىۋېتىپ، يولدا قاراقچىغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، تاشلاپ كېتىپتۇ. 31ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يەھۇدىي روھانىي شۇ يولدىن كېلىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، پىسەنت قىلماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 32شۇنىڭدەك، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر خىزمەتچىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىچارە ئادەمنى كۆرۈپ، كارى بولماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 33لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ 34ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 35ئەتىسى، سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بار بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ.

36ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن:

_ سىزچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارغا يولۇققان ھېلىقى كىشىگە قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن؟ _ دەپ سورىدى.

37_ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

_ ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. 28بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇتمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك: «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى!» [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 10- باب

34-35پېترۇس سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ھەرقانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ئىخلاسمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 10- باب

11مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن. 12بۇ جەھەتتە، يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ. 13دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «رەببىمىزگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ۋەھىيلەر » 5- باب

9ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى:

«ئورام يازمىنى ئېلىشقا

ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن.

چۈنكى بوغۇزلاندىڭ

ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن،

ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى

ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر