سوئال

« زەبۇر » 34- مۇناجات

12كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى،

بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،

13تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن،

چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

14يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق. [داۋامى]

« زەبۇر » 120- مۇناجات

1نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا،

كۈلپەتتە قالغىنىمدا،

ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا.

2«قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا،

يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن»

دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا.

3ئەي يالغانچى تىل!

قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟

بېرەر ساڭا قانداق جازا؟

4باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر،

ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

22پەرۋەردىگار يىرگىنەر يالغان سۆزلەردىن،

خۇرسەن بولار سۆز-ھەرىكىتى سەمىمىي بولغانلاردىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

18ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار،

دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار.

19راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار،

يالغان گەپ بىردەملىك بولار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

8ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 9شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ، 10يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

10خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار

تىلىنى يامانلىقتىن، ئاغزىنى ھىيلە-مىكىرلىك سۆزلەردىن يىراق تۇتسۇن.

11يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن،

ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر