سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

1_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. 2چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. 3نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 4ئۆزۈڭدە شۇنچە چوڭ گۇناھ تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ 5ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

24تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن! [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 4- باب

11قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. 12پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش پەقەت خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا سىلەرنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر