ھەجەر~ ئىسمائىلنىڭ ئانىسى

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 16- باب

1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم ئۇ ماڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرەر، _ دېدى.

ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. (بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا ئون يىل تۇرغاندا يۈز بەردى.) 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سېزىپ مەغرۇرلىنىپ، ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 21- باب

14ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېسىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۇ يەردىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.

15-16سۈيى تۈگەپ قالغاندا، ھەجەر بالىسىنى چاتقالنىڭ سايىسىگە قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ئوغلۇم ئۆلەي دەپ قالدى. مەن قاراپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىدىمايمەن!» دەپ، بىر ئوقيا يېتىم يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرد-پەرياد قىلىشقا باشلىدى.

17بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە:

_ ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى. 18ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بالىنى قولۇڭغا ئېلىپ تەسەللى بەر. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى.

19ئارقىدىنلا، خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى نۇرلاندۇردى. ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

12سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: 13ئالدى بىلەن تۇنجى ئوغلى نېبايوت، ئاندىن كېيىن قالغان ئوغۇللىرى قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، 14مىشما، دۇما، ماسسا، 15خاداد، تەما، يەتۇر، نافىش ۋە قەدەما تۇغۇلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

21تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ 22تەۋراتتا ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى قۇل ئايال ھەجەردىن، يەنە بىرى ئۆز ئايالى سارەدىن بولغان. 23قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن. 24بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 25ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى