نىكاھتىن ئاجرىشىش

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

31_ سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. 32بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « مالاكى » 2- باب

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

3ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

4ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 5«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى. 6شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن.

7پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ _ دەپ سوراشتى.

8ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلسا رۇخسەت قىلغان. بىراق، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا بۇنداق ئەمەس ئىدى. 9بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

18ھەزرىتى ئەيسا يەنە:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 7- باب

10نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر. 11ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن.

12قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن. 13ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايال ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئېرى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجراشمىسۇن. 14چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر. 15بىراق، ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋەھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا چاقىرغان. 16ئەي ئېتىقادچى ئايال، بەلكىم ئېرىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەي ئېتىقادچى ئەر، بەلكىم ئايالىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى