ياۋا ئوت

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

24ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئادەمگە ئوخشايدۇ. 25بىر كېچىسى، ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ. 26مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا، ياۋا ئوتلارمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. 27خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «خوجايىن، سىز ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقانىدىڭىزغۇ، بۇ ياۋا ئوتلار نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. 28«بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئىشى» دەپتۇ خوجايىن. چاكارلار: «بېرىپ ياۋا ئوتلارنى يۇلۇۋەتسەك قانداق؟» دەپ سوراپتۇ. 29«ياق! ياۋا ئوتلارنى يۇلىمىز دېسەڭلار، بۇغدايلارمۇ يۇلۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن. 30ئۇلارنى ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ‹ئاۋۋال ياۋا ئوتلارنى يۇلۇپ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ يىغىۋېلىڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا قاچىلاڭلار› دەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.

31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. 32قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.

33ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.

34ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. 35بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

«ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن،

دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»

36شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ:

_ ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ياخشى ئۇرۇقلارنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر. 38ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر. 39ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر. 40ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 41ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ، 42ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. 43ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى