« ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

15

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

1ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.

2پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:

_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئېيتقىنىڭىزدەك، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

3ئالىي روھانىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرمۇنچە ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. 4پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە:

_ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سەن ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

5لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى

6ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي خەلق ئىلتىماس قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. 7ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا توپىلاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلار بىلەن بىللە تۇتۇلغان بارابباس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. 8خەلق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

9پىلاتۇس ئۇلارغا:

_ سىلەرگە يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ _ دېدى. 10پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 11بىراق، ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى.

12پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە:

_ ئۇنداق بولسا، سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دەپ ئاتىغان ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ _ دەپ سورىدى.

13_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار.

14_ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ _ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا.

بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 15خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى.

لەشكەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشى

16لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى. 17ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى. 18ۋە ئۇنىڭغا: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراشتى. 19ئاندىن، بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى.

20ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.

21سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى بولغان بۇ ئادەم كىرىنى شەھىرىدىن ئىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى بۇ ئادەمگە مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. 22ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە ئېلىپ باردى. 23ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب* بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى. 24ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئاستى ۋە ھەرقايسىسى ئۆزىگە چىققاننى ئېلىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىپ، كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 25ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى. 26گۇناھ تاختىسىغا «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 27ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. 28شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەر بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدۇ» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى. 29ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ:

_ قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ 30ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! _ دېيىشتى.

31ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ، ئۆزئارا:

_ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى. 32ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، بىز شۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى، _ دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغانلارمۇ ئۇنى ھاقارەتلەشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

33چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدە، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى. 34سائەت ئۈچتە، ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوي، ئېلوي، لەما شەۋاقتانى!» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى.

35ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ:

_ قاراڭلار، بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ _ دېيىشتى. 36ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، ئۇنى قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى ۋە:

_ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى چۈشۈرۈۋالامدىكىن؟ _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

38شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى.* 39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈز بېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! _ دېدى.

40ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. 41ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىللە كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

42-43ئۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.* 44پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يۈز بېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى سورىدى. 45ئۇ يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى. 46يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى. 47مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.



*23مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شارابنىڭ ئاغرىقنى پەسەيتىش رولى توغرىسىدا قەدىمكى كىتابلاردا خاتىرىلەر بار.

*38بۇ پەردە ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جاينى مۇقەددەس جايدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنىڭ ھەزرىتى ئەيسا تەرىپىدىن ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

*42-43قائىدە بويىچە، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالسا بولمايتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى