« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

22

يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا

1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يىدىدا بولۇپ، بوزقات شەھىرىدىكى ئادايانىڭ قىزى ئىدى. 2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ، چەتنەپ كەتمەي، ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى.

تەۋرات قانۇنىنىڭ تېپىلىشى

3يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى _ مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

4_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان پۇللارنى، يەنى مۇھاپىزەتچى روھانىيلار خەلقتىن يىغقان پۇللارنى تەييارلاپ، 5پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەرسۇن. ئۇلار بۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغانلارنىڭ، 6يەنى ياغاچچى، قۇرۇلۇشچى، تامچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە تۆلىسۇن. ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا كېتىدىغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسۇن. 7ئەمما نازارەتچىلەرگە بەرگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ.

8باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:

_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يازمىسىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.

شافان ئۇنى ئوقۇدى. 9ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ:

_ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

10ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا:

_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.

11پادىشاھ تەۋرات يازمىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ھەسرەتلىنىپ، كىيىملىرىنى يىرتتى. 12ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا:

13_ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمر بويىچە ئىش قىلمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق بەردى.

ئايال پەيغەمبەر خۇلداھنىڭ بېشارەتلىرى

14شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.

15خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار: 16‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن، 17چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى، غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».

18-19خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنىڭ بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە زەربە بېرىدىغانلىقىمنى، يەنى ‹ئۇ يەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، قارغىشقا قالغان يەرنىڭ مىسالى بولۇپ قالىدۇ› دېگەن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 20شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن».

ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى