« سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم »

11

داۋۇت ۋە باتشەبا

1ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب بىلەن لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى.

2بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىنىدە، ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. 3داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ:

_ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.

4داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يېڭىدىن ساقايغان بولۇپ، ئەمدىلا تازىلىنىپ بولغانىدى). كېيىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

5ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى.

6داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.

7ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

8ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا:

_ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى.

ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى.

9ئۇرىيا بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى.

10«ئۇرىيا ئۆيىگە قايتماپتۇ» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ ئۇرىيانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن سەپەردىن كېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە بارمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

11ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرى دالادا يېتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيگە قايتىپ يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، _ دېدى.

12_ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قويىمەن، _ دېدى داۋۇت ئۇرىياغا. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى. 13ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، كەچ بولغاندا ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى.

14ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيا ئارقىلىق ئەۋەتتى. 15ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت، ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار» دەپ يازغانىدى.

16يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى. 17دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى يىقىلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى.

18شۇنىڭدىن كېيىن، يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. 19يوئاب خەۋەرچىگە:

_ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن. 20ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ 21گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى* ؟ شۇنداق ئىكەن سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلەپ كەتسە، سەن ئۇنىڭغا: «پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.

22خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. 23خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھقا:

_ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق. 24شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھى ئالەمنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار، _ دېدى.

25داۋۇت خەۋەرچىگە:

_ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، جەڭ قۇربانسىز بولمايدۇ. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىشغال قىل» دېگىن، _ دېدى.

26ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى. 27ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن داۋۇتنىڭ بۇ قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك ئىدى.



*21مۇقەددەس كىتابنىڭ «سەردارلار» قىسمى9-باب، 50‏-53 ئايەتلەرگىچە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى