« ئاموس »

8

پىشقان مېۋە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم. 2ئۇ:

_ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن:

_ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن. 3ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى.

4يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.

5سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق.

دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق.

كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ،

ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.

6كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە،

موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق.

ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر.

7پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى:

«مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

8شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ،

زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ.

پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ،

بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.»

9ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ،

زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.

10بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە،

خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن.

ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ،

چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر.

سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن.

پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»

11ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،

مەن زېمىننى ئېچىرقىتىمەن،

بۇ نان ۋە سۇغا بولغان ئېچىرقاش بولماستىن،

بەلكى مېنىڭ سۆزلىرىمگە بولغان ئېچىرقاش بولىدۇ.

12ئادەملەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاش ئۈچۈن

دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە سەپەر قىلىدۇ،

لېكىن ئۇلار سۆزۈمنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ.

13ئۇ كۈندە ياش قىزلار ۋە قىران يىگىتلەر چاڭقاشتىن ھالسىزلىنىدۇ.

14‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ،

سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامىدىن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ،

قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى