« ئەزەكىئەل »

1

ئەزەكىئەلنىڭ تۇنجى كۆرگەن غايىبانە ئالامىتى

1ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.

2پادىشاھ يوياكىننىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىقىنىڭ 5-يىلى، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى* 3(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.) 4مەن يۇقىرىغا قارىسام، غايىبانە ئالامەتتە شىمالدىن بوران چىقىۋېتىپتۇ. بوراننىڭ ئىچىدە ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چوڭ بىر پارچە بۇلۇت بار ئىدى. ئەتراپى پارلاق نۇرغا تولغانىدى. ئوتنىڭ مەركىزى تاۋلانغان مېتالدەك يالتىرايتتى. 5ئوتنىڭ ئىچىدە تۆت مەخلۇق تۇراتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇلار ئادەمگە ئوخشايتتى. 6ھەربىر مەخلۇقنىڭ ئوخشىمىغان تۆت يۈزى ۋە تۆتتىن قانىتى بار ئىدى. 7ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى. 8تۆت قانىتىنىڭ ئاستىدا ئادەمنىڭكىدەك قوللىرى بار ئىدى. تۆت يۈزلۈك ۋە تۆت قاناتلىق بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ 9قاناتلىرى يېيىلغاندا بىر-بىرىنىڭكىگە تېگىشىپ تۇراتتى. ئۇلار ماڭغاندا بۇرۇلمايتتى، پەقەت ئالدىغىلا قاراپ ماڭاتتى.

10بۇ تۆت مەخلۇقنىڭ يۈزلىرى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئالدىدىن قارىسا ئادەمگە، ئوڭ تەرىپىدىن قارىسا شىرغا، سول تەرىپىدىن قارىسا بۇقىغا، ئارقىسىدىن قارىسا بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 11مەخلۇقلارنىڭ يۈزلىرى مانا مۇشۇنداق ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر جۈپتىن قاناتلىرى يېيىلغان بولۇپ، يېنىدىكىلەرنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى. قالغان بىر جۈپتىن قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى. 12پەرۋەردىگارنىڭ روھى نەگە بارسا، ئۇلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، ماڭغاندا بۇرۇلماي ئۇدۇل ماڭاتتى. 13مەخلۇقلار يالقۇنلاۋاتقان چوغ ياكى مەشئەلگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئوت ھەرىكەت قىلاتتى. بۇ ئوت چاقناپ تۇراتتى، ئۇنىڭدىن چاقماق چېقىلاتتى. 14ئۇلار ئۇ ياق، بۇ ياققا خۇددى چاقماقتەك تېز بېرىپ كېلىشەتتى.

15مەن بۇ مەخلۇقلارغا نەزەر سېلىۋېتىپ، ھەربىر مەخلۇقنىڭ يېنىدا بىردىن چاقنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، چاقلار يەرگە تېگىپ تۇراتتى. 16تۆت دانە چاقنىڭ شەكلىمۇ، تۈزۈلۈشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇلار سېرىق ياقۇتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئىچىگە يەنە بىردىن چاق توغرىسىغا كىرىشتۈرۈلگەنىدى. 17مەخلۇقلار يۈزلىرى قارىغان تۆت تەرەپكە بۇرۇلمايلا ماڭالايتتى. 18چاقلارنىڭ چەمبىرەكلىرى ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. 19مەخلۇقلار ماڭسا، يانلىرىدىكى چاقلارمۇ بىرگە ماڭاتتى، مەخلۇقلار يەردىن يۇقىرىغا ئۆرلىسە، چاقلارمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەيتتى. 20روھ نەگە بارسا، چاقلارمۇ شۇ يەرگە باراتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى. 21مەخلۇقلار ماڭسا، چاقلارمۇ ماڭاتتى، مەخلۇقلار توختىسا، چاقلارمۇ توختايتتى. مەخلۇقلار يۇقىرى ئۆرلىسە، چاقلارمۇ بىرگە يۇقىرى ئۆرلەيتتى، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ روھى چاقلاردىمۇ بار ئىدى.

22مەخلۇقلارنىڭ بېشى ئۈستىدە خۇددى خىرۇستالدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۇپا بار ئىدى.

23سۇپىنىڭ ئاستىدا تۆت مەخلۇق قاناتلىرىنى يېيىپ تۇرغان بولۇپ، ئىككىدىن قاناتلىرى بىر-بىرىنىڭ قاناتلىرىغا تېگىشىپ تۇراتتى، يەنە بىر جۈپ قاناتلىرى بەدەنلىرىنى يېپىپ تۇراتتى. 24ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى. 25ئۇلار توختاپ قاناتلىرىنى يىغقاندا، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدىن جاراڭلىغان بىر ئاۋاز كېلەتتى.

26ئۇلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختكە ئوخشايدىغان ئۇ نەرسىدە ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى. 27ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستىنىڭ ئوتتا قىزارغان مېتالدەك يالتىرايدىغانلىقىنى، تۆت ئەتراپىدا ئوت يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى مەشئەلگە ئوخشايتتى ۋە ئەتراپى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر بىلەن قورشالغانىدى. 28ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.



*2مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 593-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى