« ھوشىيا »

4

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەيىبلىشى

1ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ.

بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر،

ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ.

2سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر،

قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر.

قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر.

3شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا.

بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ.

دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار،

ھەتتا سۇدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ھېچكىم خەلقنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمىسۇن،

ھېچكىم خەلقنى ئەيىبلىمىسۇن.

ئەي روھانىيلار، مېنىڭ ئەيىبلەيدىغىنىم سىلەردۇرسىلەر.

5سىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچىدە بولسۇن پۇتلىشىسىلەر،

ساختا پەيغەمبەرمۇ سىلەر بىلەن بىرگە پۇتلىشىدۇ.

مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغان ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلىمەن.

6خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ.

ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار.

مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن.

سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار،

مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.

7سىلەر كۆپەيگەنچە، ئۆتكۈزىدىغان گۇناھىڭلارمۇ كۆپەيمەكتە،

شەرىپىڭلارنى نومۇسقا ئالماشتۇردۇڭلار.

8سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار.

شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار.

9كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا،

سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر.

مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلار،

قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن.

10سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر،

بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ.

چۈنكى سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇپ، مەن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار.

11شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ.

12خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت،

ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ.

خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى.

ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.

13ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ،

تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ.

ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا،

يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ.

شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ،

كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ.

14لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن،

زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن.

چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ،

بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ،

نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ.

15ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار،

لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن.

گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن،

بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن،

مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.

16ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر،

ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا،

مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟

17ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى،

ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.

18ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن،

بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.

ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ.

19بوران ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ،

ئۇلار بۇتلارغا قىلغان قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىدۇ.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى