« نەزمىلەر شاھى »

2

1مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان دالىدا،

ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا.

2تۇرار مېنىڭ ئامرىقىم قىزلار ئارا،

چېچەكلىگەن قىزىلگۈلدەك تىكەن ئارا.

ئىككىنچى بۆلەك

3تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا،

خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا.

شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا،

دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا.

4ئۇ باشلاپ مېنى مېھمانخانىسىغا،

لەپىلدەتتى سۆيگۈ تۇغىنى بېشىمدا.

5كىشمىش بىلەن قۇۋۋەت بەر ماڭا،

ئالما بىلەن روھلاندۇر مېنى،

چۈنكى بىتاب بولدۇم ئىشقى ئوتۇڭدا.

6بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى،

ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى.

7ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى،

ئۆتۈنەي سىلەردىن

ئويغاتماڭلار دالىدىكى ماراللار ۋە جەرەنلەرنى،

ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى.

8ئاڭلاۋاتىمەن ئاشىقىمنىڭ ئاۋازىنى!

قارا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ئېشىپ تاغلاردىن،

ئويناپ ئۆتۈپ ئېدىرلاردىن.

9ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك،

ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدۇ.

ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ،

روجەكلەردىن مارايدۇ.

10«تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم»

دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم،

11«مانا، قىش ئۆتتى،

يامغۇر پەسلىمۇ كەتتى.

12دالىلار گۈل-چېچەككە پۈركەندى،

ناخشىلار جاراڭلايدىغان پەيت كەلدى،

قۇشلار ۋىچىرلىشىپ سايراشماقتا.

13ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا،

تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا.

تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.»

14يوشۇرۇنۇۋالدىڭ كەپتىرىم قىيادىكى دالدىغا،

مۆكۈۋالدىڭ قۇرام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا.

كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى،

چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ.

15تۇتۇۋالغىن چىلبۆرىلەرنى،

باغنى بۇزىدىغان چىلبۆرىلەرنى،

چۈنكى، چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز.

16ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا،

ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا.

17تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە،

ئېھ ئاشىقىم كېتىۋالغىن!

خۇددى جەرەن، بۇغىدەك تېزلىك بىلەن

سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى