« رۇت »

4

بوئازنىڭ رۇتنى نىكاھىغا ئېلىشى

1بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا:

_ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇر! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.

2بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 3ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىغا:

_ بۇرادىرىمىز ئەلىمەلەكنىڭ ئايالى نائومى موئابتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. 4شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە خەلقىئالەم ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر خالىمىساڭمۇ مەيلى، ئوچۇق ئېيتقىن، بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى.

ھېلىقى تۇغقىنى:

_ ئالىمەن، _ دېدى.

5بوئاز ئۇنىڭغا:

_ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇمنىڭ موئابلىق تۇل خوتۇنى رۇتنىمۇ ئېلىپ، مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قىلىشىڭ كېرەك، _ دېدى.

6ئۇ كىشى:

_ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز كەشىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى.

8شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا:

_ سەن ئالغىن! _ دەپ كەشىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى.

9بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە:

_ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھچى، مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسى يەنى كىليون بىلەن ماخلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن. 10شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلگەن كىشىنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئۆز يۇرتى ئىچىدە ئۆچمەسلىكى ئۈچۈن، مەرھۇم ماخلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچى بولغايسىلەر، _ دېدى.

11دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت:

_ شۇنداق، بىز گۇۋاھچىدۇرمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن. بەيتلەھەمدە نامىڭ ئىززەت-ئابرۇي تاپقاي. 12پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.

پادىشاھ­ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر

13شۇنداق قىلىپ بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 14شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا:

_ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن. 15سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى.

16نائومى بۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى ۋە ئۇنىڭ باققۇچى چوڭ ئانىسى بولدى.

17قوشنا ئاياللار بەس-بەستە:

_ نائومى بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولدى! _ دېيىشىپ، بالىغا ئوبېد دەپ ئات قويدى.

ئوبېد بولسا يىشاينىڭ ئاتىسى ئىدى. يىشاي بولسا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى ئىدى.

18-22پەرەستىن داۋۇتقىچە بولغانلارنىڭ نەسەبنامىسى: پەرەس خەزروننىڭ ئاتىسى، خەزرون رامنىڭ ئاتىسى، رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناخشوننىڭ ئاتىسى، ناخشون سالموننىڭ ئاتىسى، سالمون بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز ئوبېدنىڭ ئاتىسى، ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي بولسا داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى