« يەشايا »

37

پادىشاھ خىزكىيانىڭ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە روھانىي يېتەكچىلەرنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىمىز خىزكىيا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. 4سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»

5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.

8ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.

9بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن چوقۇم ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ 12گوزان، ھاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 13خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟»

پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى

14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ، 15پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:

16«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 18ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 19ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 20ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»

يەھۇدىيەنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىدىن بېشارەت

21ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا دۇئا قىلغانىدىڭ، 22مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،

سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ،

كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.

23ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟

سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟

ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!

24سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،

لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،

شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.

ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،

25قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن،

تاپانلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

26سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.

بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

27شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،

ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى،

خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،

ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەكتۇر.

28سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،

قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،

ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.

29سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى.

مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن،

سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»

30يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 31يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن، خۇددى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مېۋىسى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆپىيىدۇ. 32شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

33پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. 34مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 35مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».

36ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 37شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

38بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.



*16كېرۇب _ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى