« زىكىرىيا »

3

4-غايىبانە ئالامەت: باش روھانىي يوشۇۋا

1ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. 2بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا:

_ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى.

3يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى. 4پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارغا:

_ ئۇنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋاغا:

_ قارا، مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كۆتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ساڭا بايراملىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن، — دېدى.

5مەن ئېغىز ئېچىپ:

_ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى. 6پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى:

7_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن. 8ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن. 9قاراڭلار، مەن يوشۇۋانىڭ ئالدىغا بىر تاش قويدۇم، ئۇنىڭ يەتتە يۈزى بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنى ئويۇپ، بۇ زېمىندىكى بارلىق گۇناھلارنى بىر كۈندىلا كۆتۈرۈۋېتىمەن. 10ئاشۇ كۈنى، ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى