« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

10

يېھۇنىڭ ئاخابنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىشى

1ئاخاب پادىشاھنىڭ سامارىيە شەھىرىدە 70 ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيەدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: 2«ئاڭلىسام، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا ئىكەن، سىلەردە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار، سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەر ۋە قورال-ياراغلارمۇ بار ئىكەن. ئەگەر پېتىنساڭلار، بۇ مەكتۇپ قولۇڭلارغا تەگكەن ھامان، 3خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى.

4ئۇلار قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى. 5ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا: «بىز ئۆزلىرىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز، نېمە بۇيرۇسىلا شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلىنىڭ نەزەرلىرىدە ياخشى بولغان ئىشنى قىلىمىز» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.

6يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى بىر مەكتۇپنى يېزىپ: «ئەگەر سىلەر مەن تەرەپتە تۇرىدىغان، سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان بولساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە _ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى.

ئۇ چاغدا ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلى ئۇلارغا قاراۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى. 7مەكتۇپ ئۇلارغا يەتكەندە، ئۇلار ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. 8خەۋەرچى كېلىپ، يېھۇغا:

_ ئۇلار پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەپتۇ، _ دېدى.

يېھۇ:

_ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى دۆۋە قىلىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار، ئەتە ئەتىگەنگىچە تۇرسۇن، _ دېدى.

9ئەتىسى ئەتىگەندە يېھۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ سىلەر گۇناھسىز. خوجايىنىمنى مانا مەن سۇيىقەست پىلانلاپ ئۆلتۈردۈم. لېكىن ئوغۇللىرىنى مەن يالغۇز ئۆلتۈرمىدىم. 10بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدە ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى.

12يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە، 13يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:

_ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ بىز ئاخازيانىڭ تۇغقانلىرى بولىمىز. بىز يورام پادىشاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئىزەبەلنىڭ جەمەتىنىڭ ئالدىغا سالامغا كېتىۋاتىمىز _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

14يېھۇ:

_ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.

يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا 42 ئادەمنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 15يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىۋاتقان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە:

_ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، _ دېدى يېھوناداب.

_ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ.

يېھوناداب قولىنى ئۇزىتىۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. 16يېھۇ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىلەن بىللە بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭ ھارۋىسىغا چىقتى.

17ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياسقا ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى.

يېھۇنىڭ بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى قىرىپ تاشلىشى

18يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا:

_ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن. 19شۇڭا بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي يىغىڭلار. مەن بائالغا كاتتا بىر قۇربانلىق تەقدىم قىلماقچىمەن. كەلمىگەنلەر تىرىك قالمايدۇ، _ دېدى. يېھۇنىڭ بۇنداق ھىيلە ئىشلىتىشى بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىدى. 20ئۇ يەنە:

_ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ ئېلان چىقاردى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى.

21يېھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە بۇ سۆزنى جاكارلاتتى. بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى، ئۇلار بۇتخانىنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە لىق تولدى. 22يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە:

_ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى.

ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى. 23يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىغا:

_ بۇ يەردە بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلارلا قالسۇن، قاراپ بېقىڭلار، ئاراڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ قالمىسۇن يەنە، _ دېدى.

24جامائەت كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. يېھۇ 80 كىشىنى سىرتتا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغان كىشىلەردىن بىرەرسىنى قاچۇرۇپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىمەن، _ دېگەنىدى.

25يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇشىغىلا، ئۇ ياساۋۇللىرىغا ۋە سەركەردىلەرگە:

_ سىلەر كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇللار ۋە سەركەردىلەر ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتقا تاشلاپ، بائال بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى. 26ئۇلار بائال بۇتخانىسىنىڭ تاش ئابىدىسىنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ، 27بۇزۇپ تاشلىدى ۋە بائال بۇتخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. تاكى ھازىرغىچە كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. 28يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ يوسۇندا تۈگەتتى. 29لېكىن يېھۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

يېھۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى

30پەرۋەردىگار يېھۇغا:

_ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى پۈتۈنلەي مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.

31لېكىن يېھۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

32شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا، 33يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن باشلاپ پۈتۈن گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىگىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى.

34يېھۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35يېھۇ ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. 36يېھۇ پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى