« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

19

پادىشاھ خىزكىيانىڭ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. 4سىلى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».

5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.

8ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.

9بۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ‹ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ 12گوزان، خاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. 13خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»

پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى

14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى يېيىپ، 15پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلدى:

«ئى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن. 16ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 18ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 19ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»

سانخېرىب ھەققىدىكى ۋەھىي ۋە يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

20ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 21مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،

سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ،

كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.

22ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟

سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟

ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!

23سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،

لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،

شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.

ئەڭ يىراقتىكى پىنھان جايلارغا ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،

24ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن،

پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

25سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.

بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن.

سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

26شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،

ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى،

بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،

ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر.

27سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،

قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،

ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.

28سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى.

مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن،

سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»

29يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 30يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن كۆپىيىپ، خۇددى يىلتىزلىرى چوڭقۇر، مېۋىلىرى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆكلەيدۇ. 31شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

32پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. 33مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 34مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن».

35شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 36شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

37بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.



*15كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى