« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

27

داۋۇتنىڭ فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا ياشىشى

1ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ، سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى-دە، 2ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى كەلدى. 3ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، گاتتا ئاكىشنىڭ يېنىغا جايلاشتى، داۋۇتنىڭ ئىككى خوتۇنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 4«داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى. 5داۋۇت ئاكىشقا:

_ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن ياشاشقا بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشسۇن، _ دېگەنىدى، 6ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. شۇ سەۋەبتىن زىقلاق شەھىرى تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. 7داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى. 8بۇ جەرياندا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خەلقلەر تىلائىمدىن تارتىپ شۇرغىچە، ھەتتا مىسىرغىچە بولغان جايلاردا ياشاپ كەلگەنىدى.* 9داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا يا ئەر، يا ئاياللاردىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئېلىپ كېلىپ، ئاكىش بىلەن كۆرۈشەتتى. 10ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت بەزىدە: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دېسە، بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» ياكى: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى.

11داۋۇت ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن تىرىك قالدۇرمايتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا داۋاملىق شۇنداق قىلاتتى. 12ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى ۋە ئىچىدە: «داۋۇت ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئۆزىنى قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.



*8ياكى «بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان زېمىندا ياشاپ كەلگەنىدى.»

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى