« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

28

ئاكىش پادىشاھنىڭ داۋۇتتىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشى

1شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش پادىشاھ داۋۇتقا:

_ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى.

2_ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئەمدى كۆرىسىلە، _ دېدى داۋۇت.

_ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈ ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش.

سائۇلنىڭ باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىشى

3سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلغان چاغلار ئىدى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. 4فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى؛ سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى. 5سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئۇنى ۋەھىمە باستى. 6سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لار* ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى. 7شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى.

_ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار. 8شۇنداق قىلىپ سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا:

_ ئىلتىماس قىلاي، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتماقچى بولغان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى.

9_ ئۆزىڭىز سائۇل پادىشاھنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن يوقىتىپ، قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال.

10_ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا.

11_ مەن ئۆزىڭىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال.

_ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل. 12باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇل پادىشاھقا:

_ نېمىشقا مېنى گوللايلا؟ سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ، _ دېدى.

13سائۇل ھېلىقى باخشى ئايالغا:

_ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېۋىدى.

باخشى ئايال سائۇلغا:

_ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى.

14_ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل.

_ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال.

سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى.

15_ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل.

_ مەن تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كېتىۋاتىمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى، ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. نۆۋەتتە نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەي دەپ، ئۆزۈڭنى چاقىردىم.

16_ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغانىكەن، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟ 17پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى. پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى. 18سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ئۇلارغا يەتكۈزمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى بۇ كۈنگە قويدى. 19پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىللە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى سامۇئىل.

20سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، يەرگە يىقىلىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى. 21باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ:

_ قارىسىلا، كەمىنە قۇللىرى گەپلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى. 22سىلىمۇ قۇللىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئالدىلىرىغا ئاز-پاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا، غىزالانسىلا قۇۋۋەتلىنىپ يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى.

23سائۇل ئۇنىماي:

_ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى.

بىراق ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. 24باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تايىنچىسىنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان سالدى. 25تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى.



*6كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن چاغدا تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، «بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، «بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى