« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

27

پادىشاھ يوتەم

1يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. 2يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاتىسى ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى، لېكىن يوتەم بۇنداق قىلمىدى. بىراق خەلق يەنىلا يامان ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

3يوتەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ يۇقىرى دەرۋازىسىنى ياساتتى. ئۇ يەنە ئوفەل ئېگىزلىكىنىڭ يانباغرىدىكى سېپىلىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ ياساتتى. 4ئۇ يەھۇدا تاغلىرىدا شەھەرلەرنى، ئورمانلاردا قورغان ۋە مۇنارلارنى ياساتتى. 5يوتەم ئاممونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاممونلار شۇ يىلى ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش، 700 توننا بۇغداي ۋە 700 توننا ئارپا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللاردىمۇ شۇ مىقداردا تاپشۇردى. 6يوتەم پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقى قۇدرەت تاپتى.

7يوتەم پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان بارلىق ئۇرۇشلىرى ۋە ئەمەللىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 8ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9يوتەم ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى