« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

8

سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى

1سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل سەرپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 2سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرام بەرگەن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا ئىسرائىللارنى ئورۇنلاشتۇردى. 3سۇلايمان خامات-زوباھ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. 4ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى. 5سۇلايمان پادىشاھ ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە ئۇلارغا بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، مۇستەھكەملىدى. 6ئۇ يەنە بائالات شەھىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ يەنە ئامبارلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى جايلاشقان شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى قۇرۇشنى خالىسا، شۇنى قۇردى.

7سۇلايمان ئىسرائىللاردىن بولمىغان خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى. 8ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقىتىۋەتمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارغا سالغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا. 9سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھاشارغا سالماي، ئۆزىگە لەشكەر، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى. 10سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلقلەرنى نازارەت قىلىدىغان 250 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى.

11سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلانغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيە پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ،» دېدى.

12سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى ئالدىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلدى. 13مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرى، ئۈچ ھېيتتا، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى. 14سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى. 15داۋۇت پادىشاھنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى. 16پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل قويغاندىن باشلاپ تاكى قۇرۇلۇش تاماملانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى سۇلايماننىڭ نىيەت قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى پۈتتى.

17شۇ چاغلاردا سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزيون-گەبەر ۋە ئېلاتقا باردى. 18ھىرام پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، 15 توننا ئالتۇننى سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ كەلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى