« مىسىردىن چىقىش »

25

ئىبادەت جايى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ھەدىيىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «كىمدەكىم رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىسا، ھەدىيە سۇنسۇن. 3سىلەر مۇنداق ھەدىيىلەرنى قوبۇل قىلىڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ 4ھەمدە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، 5قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، 6چىراغ ئۈچۈن ياغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، 7باش روھانىي كىيىدىغان ئېفود* بىلەن كۆكرەكلىكىگە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار. 8ئۇلار ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇ ياسىسۇن بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرىمەن. 9بۇ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سايمانلارنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياسىسۇن.»

ئەھدە ساندۇقى

10_ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياساڭلار. 11ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. 12ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورنىتىڭلار. 13-14ساندۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئىككى ياندىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈڭلار. 15ئىككى بالداق ھەمىشە ھالقىدا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىلمىسۇن. 16مەن ساڭا بېرىدىغان، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.

17ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياساڭلار. 18ئالتۇندىن «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دانە قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، 19«مېھىر-شەپقەت تەختى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈرۈڭلار. 20قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالەتتە تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ، «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى يېپىپ تۇرسۇن. 21مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلىدىغان ئىككى تاش تاختىنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار. 22مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن ئۇچرىشىپ، تەختنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.

شىرە

23_ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياساپ، 24ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. 25شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇڭلار. 26كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن، تۆت ئالتۇن ھالقا ياساپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىڭلار. 27بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھالقا پەۋازغا يېقىن بولسۇن. 28بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 29شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياساڭلار. 30شىرەگە ھەمىشە ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلارنى* تىزىپ قويۇڭلار.

چىراغدان

31_ ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە گۈل بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىنسۇن. 32چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن. 33ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالسۇن. 34چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگىلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولسۇن. 35چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. 36پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. 37چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلسۇن. 38ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن. 39چىراغداننىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن سايمانلىرىغا ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلسۇن. 40بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن.



*728-باب، 6 _ 14-ئايەتلەرگە قارالسۇن.

*30ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى