« مىسىردىن چىقىش »

39

روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى تىكىش

1كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس كىيىملەر تىكىلدى. ھارۇن ئۈچۈن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىملەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 2ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن تىكىلدى. 3قولى چېۋەر ئۇستىلار ئالتۇننى نېپىز سوقۇپ، ئىنچىكە تالا قىلىپ كېسىپ، ئۇنى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇپ، ئېفودنى تىكتى. 4ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولدى. ئېفودنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى. 5ئۇنىڭدىن باشقا،

6ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلدى. 7ئاندىن، ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىندى.

كۆكرەكلىك ياساش

8خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلدى. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلدى.

9كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە بەش سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلدى. 10ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش قادالدى. بىرىنچى قۇرغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلدى. 11ئىككىنچى قۇرغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلدى. 12ئۈچىنچى قۇرغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلدى. 13تۆتىنچى قۇرغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالدى. 14ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك، بۇ قىممەتلىك تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلدى.

15كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلدى. 16كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 17زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 18ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلاندى. 19كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 20شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 21كۆكرەكلىكنىڭ پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەرنىڭ تىكىلىشى

22توقۇمىچىلار ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجىنى توقۇدى. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولدى. 23پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلدى. 24پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر چۈشۈرۈلدى. 25ساپ ئالتۇندىن قوڭغۇراقلار ياسىلىپ، پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىدىكى ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئېسىلدى.

26روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىلىدىغان بۇ پەرىجىنىڭ پېشىگە نۆۋەت بىلەن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر تىكىلدى ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

27ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن كەندىر يىپتىن ئىچ پەرىجە تىكىلدى. 28كەندىر يىپتىن سەللە، باش كىيىم ۋە تامباللارمۇ تەييارلاندى. 29كەندىر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر كەمەر توقۇلۇپ، ئۈستى كەشتىلەندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. 30ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلدى 31ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

مۇسانىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

32ئىبادەت چېدىرى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 33ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە چېدىرنىڭ بارلىق سايمانلىرىنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە: ئىلمەك، رام، توغرا بالداق، تۈۋرۈك ۋە تۈۋرۈك پۇتى، 34قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە يوپۇق، يوپۇق پەردىسى، 35پەرزلەرنى سالىدىغان ئەھدە ساندۇقى، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»، 36شىرە، شىرەنىڭ سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، 37ساپ ئالتۇن چىراغدان، ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ، چىراغ يېغى، 38ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 39تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 40ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، چېدىرنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرى، 41روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر بار ئىدى.

42پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 43مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى