« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

36

ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم ئىدى. 2ئەساۋ بىرقانچە كەنئان قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتلاردىن ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ، خىۋلاردىن زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباما، 3ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتلاردۇر. 4ئاداھتىن ئەلىفاز تۇغۇلدى. باسىماتتىن رەئۇل تۇغۇلدى. 5ئوھولىبامادىن يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كەنئاندا تۇغۇلدى.

6ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، پۈتۈن قوي-كالا ۋە كەنئاندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. 7بۇ ئىككىيلەننىڭ قوي-كالا ۋە باشقا تەئەللۇقاتلىرى نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يەر ئۇلارغا يېتىشمىگەنىدى. 8شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.

9تۆۋەندىكىلەر ئېدىرلىق رايونى سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئاتىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 10-13ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھ بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلىفاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەش ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار: تەمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەنازلاردۇر. ئەلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.

ئەساۋنىڭ ئايالى باسىمات بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى رەئۇل ئىدى. رەئۇلدىن تۆت ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار: ناھات، زەراخ، شامما ۋە مىززالاردۇر.

14ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباما زىبىئوننىڭ نەۋرىسى بولسا، ئاناھنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەساۋغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: يېئۇش، يالام ۋە كوراھلاردۇر.

15ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكى قەبىلىلەرنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولدى: ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفاز ئىدوم رايونىدىكى تىمان، ئومار، زەفو، كەناز، 16كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى ئاداھتىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

17ئەساۋنىڭ ئوغلى رەئۇل بولسا ئىدوم رايونىدىكى ناھات، زەراخ، شامما ۋە مىززا قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتتىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

18يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار ئەساۋنىڭ ئايالى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ناملىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. 19يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى

20-21ئىدوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر تۆۋەندىكى قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن. ئۇلار: لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئەزەر ۋە دىشانلادىن ئىبارەت. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ھورىتلاردىن بولغان سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

22لوتاننىڭ ئوغۇللىرى: ھورى ۋە ھىمام بولۇپ، تىمنا بولسا لوتاننىڭ سىڭلىسىدۇر.

23شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئەبال، شېفو ۋە ئوناملاردۇر.

24زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى: ئايياھ ۋە ئاناھتۇر. (چۆلدە ئاتىسىنىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى بايقىغان دەل مانا شۇ ئاناھ ئىدى.)

25ئاناھنىڭ بالىلىرى: ئوغلى دىشون ۋە قىزى ئوھولىبامادۇر. 26دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كەرانلاردۇر.

27ئەزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاقانلاردۇر.

28دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاراندۇر.

29-30ھورىتلاردىن بولغان قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئەزەر ۋە دىشانلاردۇر. كېيىنچە، بۇ باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرى سەئىر رايونىدىكى ھورىتلاردىن بولغان ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىغا ئايلاندى.

ئىدومدىكى پادىشاھلار

31ئىسرائىللارنىڭ تېخى پادىشاھى بولماستا، تۆۋەندىكى پادىشاھلار ئىدومغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى:

32بىئورنىڭ ئوغلى بەلا. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى دىنھابا ئىدى.

33بەلا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بوسرالىق زەراخنىڭ ئوغلى يوباب چىقتى.

34يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا تەمانى رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.

35خۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بېدادنىڭ ئوغلى خاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئابتا تارمار قىلغان. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.

36خاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرىقالىق ساملا چىقتى.

37ساملا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا دەريا بويىغا جايلاشقان رىھۇبوتتىن كەلگەن شائۇل چىقتى.

38شائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.

39ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا خاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مەھېتابېل بولسا مېزاھابنىڭ قىزى بولغان ماترىدنىڭ قىزى ئىدى.

40-43ئەساۋ ئىدومدىكى تىمنا، ئالۋاھ، يەتەت، ئوھولىباما، ئەلا، پىنون، كەناز، تەمان، مىبسار، ماگدىيەل ۋە ئىرام قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسى بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ئۆز قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىن كەلگەن. يۇقىرىقى قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلار شۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى