« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

49

ياقۇپنىڭ ۋەسىيىتى

1ياقۇپ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ھەممىڭلار ئالدىمغا كېلىڭلار، سىلەرگە دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ قوياي!

2«ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار.

ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار.

3ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن،

سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن.

چوڭ بولۇپ تاپقان تۇنجى ئوغلۇمسەن،

ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن.

4بىراق، سەن كەلكۈندەك ئېقىپ، تۇتۇق بەرمىدىڭ!

سەن كىچىك خوتۇنۇم بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ،

كۆرپەمنى بۇلغىغاچقا، ئەمدى كاتتا كىشى بولالمايسەن.

5شىمون بىلەن لاۋىي ئىتتىپاقداش بولۇپ،

ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.

6قوشۇلمايمەن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە،

قاتناشمايمەن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانىغا،

چۈنكى ئۇلار دەرغەزەپتە ئادەم ئۆلتۈرۈپ،

بۇقىلارنىڭ پېيىنى خالىغىنىچە كەستى.

7ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە،

شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە.

تارقىتىۋېتەرمەن، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى

ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.

8ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار.

سەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقارسەن.

قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا باش قويار.

9يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ.

ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا.

سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا،

كىممۇ ئۇنىڭغا تېگىشكە جۈرئەت قىلار؟

10يەھۇدا تۇتار پادىشاھلىق ئەڭگۈشتىرىنى،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى.

كېيىن، پۈتكۈل ئەل قوشار تۆھپە ئۇنىڭغا،

پۈتكۈل خەلق تەزىم قىلار ئۇنىڭغا.*

11ھەددى-ھېسابسىز باي بولغانلىقىدىن ئۇ،

غاجاپ قويۇشىغا قارىماي تەخىيىنىڭ،

باغلاپ قويار ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە.

كىيىملىرىنى يۇيار ئۈزۈم شارابىدا،

ئېسىل تونىنى يۇيار ئۈزۈم شەربىتىدە.

12ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇسەللەستىن قارا.

چىشلىرى سۈتتىنمۇ ئاق.

13زەبۇلۇن تۇرار دېڭىز بويىدا،

ئۇ يەر كېمە پورتى بولار،

زېمىنى سىدون تەرەپكە سوزۇلار.

14ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ،

ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار.

15كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى

ۋە يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى،

ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە،

قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشقا مەجبۇر بولار.

16دان ئىسرائىل قەبىلىسىدىن بىرى بولار،

ئۇ ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلار.

17ئۇ يىلاندەك يول بويلىرىدا،

زەھەرلىك يىلاندەك چىغىر يوللاردا،

چېقىپ ئاتنىڭ تۇيىقىنى،

ئارقىسىغا يىقىتار ئاتلىقلارنى.

18ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن!

19گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرار.

لېكىن، ئۇ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، زەربە بېرەر.

20ئاشېرنىڭ زېمىنى بەئەينى مول ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ،

پادىشاھلارنى ئۇ تەمىنلەر خاس لەززەتلىك تاماقلىرى بىلەن.

21نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر،

ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.

22يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر.

ئۇ بۇلاققا يېقىندۇر.

ئۇنىڭ شاخلىرى ھالقىپ ئۆتەر تامدىن.

23شىددەتلىك ھۇجۇم قىلار دۈشمەن ئوۋچىلىرى ئۇنىڭغا،

ئوقيالار دەھشەتلىك ئېتىلار ئۇنىڭغا،

24لېكىن ئۇنىڭ يايى مەزمۇت يەنىلا،

ئۇنىڭ قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا.

تايانغاچقا ئۇ ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا،

يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا.

25ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار،

ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار.

ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ،

يەردىكى بۇلاقلارنى تەقدىم قىلار.

ئات-كالىلىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ،

ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.

26ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت،

قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ،

ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر.

مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا،

يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونار.

27بىنيامىن گويا يىرتقۇچ چىلبۆرە.

ئۇ ئەتىگىنى تۇتقىنىنى يالماپ،

كېچىسى ئولجىلارنى بۆلەر.»

28ئىسرائىلنىڭ بۇ ئون ئىككى ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى. بۇ سۆزلەر _ ياقۇپنىڭ ھەربىر ئوغلىغا قىلغان لايىق خەيرلىك دۇئاسىدۇر.

ياقۇپنىڭ ۋاپاتى

29ياقۇپ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى:

_ ئەجدادلىرىمنىڭ قېشىغا كېتىدىغانغا ئاز قالدىم. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، يەنى خىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىڭلار. 30بۇ ئۆڭكۈر كەنئاندىكى مامرەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدا بولۇپ، ئىبراھىم ئۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن يەرلىك قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى. 31ئىبراھىم ۋە ئايالى سارە ئۇ يەرگە قويۇلغان. ئىسھاق ۋە ئايالى رىبەقامۇ ئۇ يەرگە قويۇلغان. مەن لېياھنىمۇ ئۇ يەرگە دەپنە قىلدىم. 32ئۇ يەر بىلەن ئۆڭكۈر خىتلاردىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، سىلەر مېنى شۇ يەرگە قويۇڭلار. 33ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يېتىپلا، نەپىسى توختاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى.



*10ياكى: يەھۇدا تۇتار پادىشاھلىق ئەڭگۈشتىرىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى، تاكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى كەلمىگۈچە؛ پۈتكۈل خەلق تەزىم قىلار ئۇنىڭغا.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى