« يوشۇۋا »

11

شىمالدىكى پادىشاھلارنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى

1خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان، ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون پادىشاھى ۋە ئاكشاف پادىشاھىغا، 2شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، يەنە جەلىلىيە كۆلىنىڭ* جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئارابا رايونىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، 3غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. 4بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. 5بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا بارگاھ قۇردى.

6پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا.

7شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا بارلىق قوشۇننى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا جايلاشقان دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، ھۇجۇم قىلدى. 8پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 9يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى پېيىنى كېسىۋېتىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

10يوشۇۋا قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە قايتىپ، خازور شەھىرىنى ئىگىلىدى ۋە پادىشاھىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. خازور پادىشاھى شۇ چاغدا شۇ جايدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى باشقۇراتتى. 11ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھېچقانداق تىرىك جان قالدۇرمىدى، شەھەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى.

12يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلدى. 13ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىن باشقا، دۆڭلۈكلەرگە قۇرۇلغان شەھەرلەرنى* كۆيدۈرمىدى. 14ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. 15بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى.

16يوشۇۋا بارلىق زېمىننى _ شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربتىكى ئېدىرلىقلار، ئارابا رايونى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى. 17ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى. 18ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى. 19بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى. 20پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.

21بۇ چاغدا يوشۇۋا تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاناقلارنى يوقاتتى. ئۇلار ھىبرون، دىبىر، ئاناب شەھەرلىرىدە ھەم جەنۇب ۋە شىمالدىكى پۈتۈن تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى. يوشۇۋا ئۇلارنى شەھىرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. 22ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنە بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى. 23خۇددى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنىدەك، يوشۇۋا بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.



*2جەلىلىيە كۆلى _ كىننەرەت كۆلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

*13ئەسىرلەر داۋامىدا كونا شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ، خارابىلىككە ئايلىنىپ، دۆڭلۈك پەيدا بولغان. شۇ دۆڭلۈك ئۈستىگە قۇرۇلغان يېڭى شەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى