« يوشۇۋا »

5

1ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.

ئىسرائىللارنىڭ خەتنە مۇراسىمى

2بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ سەن چاقماق تېشىنى پىچاق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىن.

3شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى. 4ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى. 5مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى. 6ئۇلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى، تاكى ئۇلار ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «مەن ئاتا-بوۋاڭلارغا ۋەدە قىلىپ، سىلەرگە بېرىمەن دېگەن سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىننى ھېچقاچان كۆرمەيسىلەر!» دەپ قەسەم قىلغانىدى 7پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى. 8بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى.

كەنئاندىكى تۇنجى قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى

9پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم.

شۇڭا ئۇ يەر ھازىرمۇ يەنىلا «گىلگال»* دەپ ئاتالماقتا.

10شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 11ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى. 12ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى.

پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى

13يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن:

_ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

14ئۇ ئادەم جاۋابەن:

_ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى.

ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ:

_ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى.

15پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا:

_ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى.

يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.



*9گىلگال _ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «دومىلىتىش» بولۇپ، «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى