« زەبۇر »

95

1ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ،

قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ.

2ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى،

تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى.

3چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر،

ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار»دىن* ئۈستۈندۇر.

4چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ،

جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ.

5دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى،

زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى.

6سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا،

ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.

7چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،

بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز،

ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز.

8بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر،

ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك،

چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك.*

9ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى،

مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تەكشۈرگەنىدى.

10مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن،

دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن،

ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.›

11قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا:

‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›»



*3ئىلاھلار _ بۇ يەردە ئېيتىلغان «ئىلاھلار» دۇنيادىكى ھەر خىل خەلقلەر ئىشىنىدىغان يالغان ئىلاھلارنى كۆرسىتىدۇ.

*8مىرىبا ۋە ماسساھ _ يەر ئىسىملىرى بولۇپ، مەنىسى «جېدەل» ۋە «سىناش» دېگەنلىكتۇر. ئىسرائىللار بۇ يەرلەردە مۇسا پەيغەمبەردىن رەنجىگەنىدى ۋە پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 17-بابقا قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى