« چۆلدە »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«چۆلدە» «مىسىردىن چىقىش»نىڭ داۋامى بولۇپ، بۇ قىسىمدا ئىسرائىللارنىڭ سىناي تېغىدىن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىش ئالدىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنغان. ئىسرائىللار مۇسانىڭ يېتەكلىشىدە سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئاھالىلەردىن قورقىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىشەنمەي، بۇ زېمىنغا كىرمەيدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ: «بۇ بىر ئەۋلاد خەلقنى مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن» دەپ قەسەم قىلىدۇ. نەتىجىدە ئىسرائىل خەلقى چۆلدە قىرىق يىل سەرسانلىق ئىچىدە كۆچمەن ھايات كەچۈرىدۇ.

بۇ قىرىق يىل ئىچىدە پەرۋەردىگار نۇرغۇن قېتىم مۆجىزىلەر ئارقىلىق خەلققە غەمخورلۇق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپ قېتىم خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگىنىدۇ.

ئىسرائىل خەلقى ئىككىنچى قېتىم پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىشكە تەييارلىنىدۇ، لېكىن مۇسانىڭ بۇ زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خەلق پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرگەندە، مۇسانىڭ ياردەمچىسى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

بۇ قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە نۇرغۇن قانۇن-نىزاملارنى ئەمر قىلىدۇ. ئىسرائىل خەلقى بۇ ئەمرلەر ئارقىلىق خۇدانىڭ يولىنى بىلىپ يېتىدۇ.

تېزىس:

  1. ئىسرائىللارنىڭ سىناي تېغىدىن كەنئان زېمىنىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىشى (1-بابتىن 10-باب 10-ئايەتكىچە)
  2. سىناي تېغىدىن پاران چۆلىدىكى كادېشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر (10-باب 11-ئايەتتىن 12-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  3. ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلماي، كەنئان زېمىنىغا كىرمەسلىكى (13-، 14-بابلار)
  4. ئىسرائىللارنىڭ قىرىق يىل چۆلدە سەرسان بولۇشى (15-بابتىن 19-بابقىچە)
  5. كادېشتىن موئاب تۈزلەڭلىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر (20-، 21-بابلار)
  6. بىلئام ھەققىدىكى ۋەقەلەر (22-بابتىن 25-بابقىچە)
  7. ئىسرائىللارنىڭ ئىككىنچى قېتىم كەنئان زېمىنىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىشى (26-بابتىن 36-بابقىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى